تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توقسۇ ناھىيەسى: باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سىدىق مىجىت خەۋىرى): نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى كۈچەپ قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى «كىچىك توپ.چوڭ كۆلەم» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، باقمىچىلىق ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  5-ئاينىڭ 18-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى يىنيۇ باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، يۇقىرى ئۆلچەمدە ياسالغان كالا قوتانلىرىدا سېمىز موزايلارنى كۆرگىلى بولاتتى. كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر ئابلا بىلەن كوپىراتىپ ئەزاسى ئەخمەت رەھمەت كالىلارغا يەم-خەشەك قوشۇپ بېرىۋاتاتتى.

  ئەخمەت رەھمەت ئىچئېرىق بازىرى مۇنار كەنتىدىكى دېھقان، بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشقانىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىر يىلدا كىرىمىم 12 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلاندى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىپ يۆلىگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.» 

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەتتە-سەككىز ئائىلىلىك دېھقاننى كالا بېقىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئاشۇردى.

  ئەنۋەر ئابلا مۇنداق دېدى: «2019-يىلى 3-ئايدا بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردۇق، ئەينى چاغدا پەقەت ئالتە كوپىراتىپ ئەزاسى، 15 كالا بار ئىدى. بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر كوپىراتىپنىڭ كالىسى 40 تۇياققا يەتتى.»

  ھازىر، توقسۇ ناھىيەسى سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، بازار ئارقىلىق يېتەكلەش، تىپلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى كالا، قوي كەسپىي كوپىراتىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى. ئىگىلىنىشىچە، توقسۇ ناھىيەسىدە ھازىر بار بولغان باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 56سى بار بولۇپ، 900 نەچچە ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى