5-ئاينىڭ 27-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى شېنمۇ شەھىرى خۇڭجيەنناۋ كۆلىدە سۈرەتكە تارتىلغان چايكىلار.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شەنشى ئۆلكىسى شېنمۇ شەھىرى خۇڭجيەنناۋ كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق تاتلىق سۇ كۆلى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خۇڭجيەنناۋ كۆلىنىڭ سۇ ئورنى يىلمۇيىل ئۆرلەپ، سۇ رايونى كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھەر يىلى 4-ئايدىن 8-ئايغىچە، بۇ كۆل نۇرغۇن چايكىلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، چايكىلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تاۋ مىڭ فوتوسى