5-ئاينىڭ 27-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى گۇيشى شەھىرى جىنتۇن بازىرى جىنتۇن كەنتى دۇفاڭ كەنت گۇرۇپپىسىدا، بالىلار پائالىيەت مەيدانىدا ئويۇن قويماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جياڭشى ئۆلكىلىك كومىتېتى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 2-ئىدارىسى 3-شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «تۇڭشىن گاڭۋەن» ئۆيىدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتى جياڭشى ئۆلكىسى گۇيشى شەھىرى جىنتۇن بازىرى جىنتۇن كەنتى دۇفاڭ كەنت گۇرۇپپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى قويۇش، «1-ئىيۇن» بايرىمىلىق سوۋغا تەقدىم قىلىش، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى دەرسخانىسى، پىدائىيلار ھەمراھ بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ قەلبىگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈلدى، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقى ھېس قىلدۇرۇلدى. «تۇڭشىن گاڭۋەن» بولسا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى يېزىلاردا قانات يايدۇرغان ئۆيىدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش تۈرى بولۇپ، ئائىلە زىيارىتى، مەكتەپ زىيارىتى، دائىملىق ھەمراھ بولۇش، باش تېما پائالىيىتى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارغا قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن ھەمراھ بولۇش، ھېسسىيات جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى