تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

قەشقەردىكى 200 نەچچە ئوقۇتقۇچى شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر شەھىرى ئالاھىدە رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق سىنىپىدا، شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ياڭ بىن ئوقۇغۇچىلارغا تارىخ دەرسى ئۆتۈۋاتاتتى، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، يەنە مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۈچ ئوقۇتقۇچىسىمۇ بىر چەتتە ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاۋاتاتتى.

  «بىزنىڭ ئاڭلاۋاتقىنىمىز پەقەت بىلىم مەزمۇنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇستازلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دەرس ئۆتۈش تەپەككۇرىدۇر.» دېدى قەشقەر شەھىرى ئالاھىدە رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن يۈەنيۈەن. ئۇ شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ياڭ بىننىڭ شاگىرتى ئىدى.

  شاگىرتلار ئۇستازلىرىغا سالام بەردى.

  يېقىندا، ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتى قەشقەر شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسى، قەشقەر شەھىرى ئالاھىدە رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش باشلانغۇچ مەكتىپى، قۇياش نۇرى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن 71 نەپەر ئوقۇتقۇچى بىلەن قەشقەردىكى 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، مەزكۇر جاينىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھەرتەرەپلىمە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ شېنجېننىڭ مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش «چىڭلەن قۇرۇلۇشى»نىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئۇستاز-شاگىرتلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  «بىزدىن ئىلگىرى، شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىزچىل بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بارغانىدى، بىز 4-قارارلىق ئوقۇتقۇچىلارمىز.» دېدى قەشقەر شەھىرى ئالاھىدە رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، شېنجېندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ياڭ بىن تونۇشتۇرۇپ. ئىلگىرىكى ئۈچ قارارلىق ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدە، قەشقەردىكى ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمىدە تېز يېتىلگەن ھەم ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قەشقەر شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇتۇش مۇسابىقىسىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشكەن ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  ئۇستاز-شاگىرتلار قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ياڭ بىننىڭ قارىشىچە، «چىڭلەن قۇرۇلۇشى» بىر خىل رىشتە، بىر خىل ۋارىسلىق قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  (سۈرەتلەرنى قەشقەر شەھىرى ئالاھىدە رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى