تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالاتاۋ شەھىرى 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ساياھەت مەخسۇس ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىلىگېر خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرى جەمئىي 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ساياھەت مەخسۇس ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى.

  بۇ قېتىم تارقاتقان ساياھەت مەخسۇس ئېستېمال بېلىتى 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 3000 دانە ماددىي بۇيۇم ئىستېمال بېلىتى، 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 4000 دانە مەخسۇس ساياھەت ئېلېكترونلۇق ئىستېمال بېلىتى، 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 1000 دانە كېچىلىك ئىقتىساد ئېلېكترون بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچ خىل ئىستېمال بېلىتىنىڭ ھەر بىرىنىڭ قىممىتى 100 يۈەن بولۇپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 20 كۈن. ئالاتاۋ شەھىرى تەۋەلىكىدىكى سودا-ساراي، مەھەللە خەلققە قولايلىق كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنى، گۆش دۇكىنى ۋە ئاشخانا قاتارلىق 100دىن ئارتۇق دۇكان پائالىيەتكە تىزىملىتىپ قاتناشتى.

  «بۇ قېتىمقى ماددىي بۇيۇم ئىستېمال بېلىتىنىڭ تارقىتىش دائىرىسى ئالاتاۋ شەھىرىدە دائىملىق تۇرىدىغان ئاھالىلەر(ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر، ئالاتاۋدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر)گە مەھەللە بىر تۇتاش ئېلىپ تارقىتىدۇ، ئالاتاۋ شەھەرلىك ئىنتزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىدۇ؛ ئېلېكترونلۇق ئىستېمال بېلىتىنى تارقىتىش دائىرىسى شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ياكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار ئاھالىلەر بولۇپ، كېچىلىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى پەقەت ئالاتاۋ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى يېمەك-ئىچمەك كوچىسىدىكى كېچىلىك بازاردىلا ئىشلىتىلىدۇ.» دېدى ئالاتاۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى گو ۋېي.

  ئىستېمالچىلار «阿拉山口零距离» ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى ئىزدەپ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 10658888 مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابۇنىچىلارغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن، ئابۇنىچىلار سالاھىيەت ئىسپات ئۇچۇرىنى ئەينەن تولدۇرىدۇ، ئېلېكترونلۇق ئىستېمال بېلىتى «يۇغۇرما بولاق بېلىتى» (جىڭدۇڭ، ۋېيپىڭخۈي، داڭداڭ قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش بېلىتى) كۆزنىكىگە چۈشىدۇ. سودىگەرلەر ئىستېمال قىلغاندا «يۇغۇرما بولاق ھەق تۆلەش» ئىككىلىك كودىنى ئېچىپ مۇناسىپ ئېلېكترونلۇق ئېتىبار بېرىش بېلىتىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى