تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشىق مەيدان سارىيى «بىڭتەن»دە قۇرۇلۇش تاماملاندى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشىق مەيدان سارىيىنىڭ بىرى بولغان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشقۇرۇش مەركىزى ئۇنىۋېرسال مەشىق سارىيى «بىڭتەن»دە قۇرۇلۇش پۈتۈپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن يېڭىدىن سېلىنغان مەيدان-سارايلار ئىچىدە بۇ يىل تۇنجى بولۇپ پۈتكىنى بولۇپ قالدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بىڭتەن» تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدىكى بىردىنبىر قىشلىق مۇز ئۈستى مەشىق مۇسابىقە بازىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ۋە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مەشىقى ھەمدە پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەشىق سارىيى «بىڭتەن»نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېنلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى