تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى كۆچۈش مەدەنىيىتى ۋارىسىنى باھالاش» پات ئارىدا باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى خەۋىرى): يايلاق كۆچۈش مەدەنىيىتىنى چۈشىنەمسىز؟ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى مىليونلىغان ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويىنى كۆچۈرۈش مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  شۇ چاغدا، ساياھەتچىلەر «مىڭ چاقىرىملىق چارۋا يولى»دا مىليونلىغان چوڭ قۇيرۇقلۇق قوينىڭ كۆچۈۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى كۆرەلەيدۇ، يەنە «ئەڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى كۆچۈش مەدەنىيىتى ۋارىسىنى باھالاش» پائالىيىتى ئارقىلىق، كۆچۈش تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئۆرپ-ئادەت ۋە زور مىقداردىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ.

  ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسلىدە، چارۋىچىلار تەييارلاپ قويغان ئۆي بىساتلىرىنى ئېلىپ، ئاتقا مىنىپ، تۆگىلەرنى يېتىلەپ، سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول جايغا كۆچىدۇ... بۇ دەل چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈش تۇرمۇشىدۇر. جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىدە كۆچۈش مەدەنىيىتى ئىزناسى تېخىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆچۈش مەدەنىيىتى ئىنتايىن مول ۋە مەركەزلەشكەن جاي ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئەڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى كۆچۈش مەدەنىيىتى ۋارىسى»نى باھالاشقا قاتناشقان چارۋىچىلار ئائىلىنى بىرلىك قىلىدىكەن، ھەر بىر ئائىلە بەش كىشىدىن تەركىب تاپىدىكەن، ئەنئەنىۋى كۆچۈش ئۇسۇلى ئورۇنداش شەكلىدە كۆچۈرۈلىدىكەن.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان چارۋىچىلار ئات، تۆگە، پادىچى ئىت، ئەنئەنىۋى كىگىز ئۆي يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە مەخسۇس تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئالدىن تەييارلاپ، ئەسلىي ئۇسلۇبتىكى كۆچۈش تۇرمۇشىنى نامايەن قىلىدۇ. باھالاش تەشكىلىي كومىتېتى مۇسابىقىگە قاتناشقان چارۋىچىلارغا بىر تۇتاش ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە چارۋىچىلارنىڭ ھەر بىر كۆچۈش ھالقىسىغا نومۇر قويىدۇ. نومۇر قويۇلىدىغان تۈرلەر مۇسابىقىگە قاتناشقان چارۋىچىلار تەييارلىغان ئات، تۆگە، كىگىز ئۆي ۋە يانداش ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۆچۈشكە ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويۇش؛ كىگىز ئۆي ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تۆگىگە ئارتىش؛ ئات مىنىپ، تۆگە يېتىلەپ، ئورۇنداش شەكلىدىكى يايلاق كۆچۈرۈش بىر كىلومېتىر ئەتراپىدىكى يول بولۇش؛ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ، كىگىز ئۆينى تىكىپ، بېزەپ، ئۆي ئىچىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يىغىشتۇرۇش كېرەك... (سۈرەتلەرنى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش