تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

خوشۇت ناھىيەسى خۇڭدېگۇ جىلغىسى: تۈمەنلىگەن كېپىنەكلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار چۆ خۇرە،  ۋاڭ لۇبىن، سۈن يۇڭخۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى خۇڭدېگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا كېپىنەكلەرنى تاماشا قىلدى. «سەرەتان ئىسسىق» مەۋسۇمىدىن كېيىن، خوشۇت ناھىيەسى خۇڭدېگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا كېپىنەكلەر كۆپلەپ پەيدا بولۇپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، خۇڭدېگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ چۇخۇي بازىرى تەۋەسىدىكى تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي قىسمى تىيانشان تىزمىسىغا، جەنۇبىي قىسمى يەنجى ئويمانلىقىغا تۇتىشىدىكەن. ھەر يىلى باش يازدا سانسىزلىغان قىزىل كېپىنەكلەر بۇ يەرگە توپلىنىپ ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى