تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستىدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئورگانىك چىلان ئۆلچەم سىستېمىسى بارلىققا كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ ۋېنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۈ خەۋىرى): ئورگانىكمۇ ياكى ئورگانىك ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆلچەمنىڭ دېگىنى ھېساب! 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، «چەرچەن ئورگانىك چىلان ئۆلچەم سىستېمىسى» مۇھاكىمە قىلىنىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئاساسەن تاماملانغان، بۇ بايىنغولىن ئوبلاستىدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئورگانىك چىلان ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە خاس سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، كىلىمات قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرى مەزكۇر رايوننىڭ ئالاھىدە چىلان سورتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسى ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىشنى ئاچقۇچ دەپ بىلىپ، ئورگانىك بازا قۇرۇلۇشى ۋە ماركا يارىتىش ئارقىلىق، چىلان كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  چەرچەن چىلان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئورگانىك چىلاننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەرچەننى بايىنغولىن ئوبلاستى، ھەتتا شىنجاڭ بويىچە ئورگانىك چىلاننى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى بايىنغولىن ئوبلاستلىق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە چەرچەن ناھىيەلىك چىلان پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە چەرچەن ناھىيەسىدە «چەرچەن ئورگانىك چىلان ئۆلچەم سىستېمىسى»نى مۇنازىرە قىلىپ تۈزىتىش يىغىنى ئاچقان. بۇ ئۆلچەم سىستېمىسى بازا مۇھىتى، سېلىنما بۇيۇملىرى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قائىدىسى، مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكى، پىششىقلاش، توشۇش، ساقلاش، گۇۋاھلىق بېرىش ۋە پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ئۆلچەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  20 نەچچە يىل چىلان ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسى ۋاڭ شىنخې ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەلگىلەشكە قاتناشقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «چەرچەن ئورگانىك چىلان ئۆلچەم سىستېمىسى» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورگانىك چىلان كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئىجادىيەت بولۇپ، چەرچەن چىلىنىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېۋىچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش