تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا شەھىرى: توردا ئالقىشلانغان پۇقراۋى قونالغۇ مەنزىرە رايوننىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتى كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما چىڭلۇ خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى يېزا ئىگىلىك تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى، غۇلجا شەھىرى قازانچى پۇقراۋى قونالغۇ ساياھەت رايونىدا «فەنجىڭ» ناملىق بىر يەككە پۇقراۋى قونالغۇ بار بولۇپ، بۇنى بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەت مەدەنىيەت مەبلەغ سېلىش ئەترىتى قۇرغان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن تەشۋىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، توردا ئالقىشلانغان پۇقراۋى قونالغۇغا ئايلاندى.

  5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر فەنجىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىغا كىرىپ، پۇقراۋى قونالغۇ ھويلىسىنىڭ كەڭ-كۇشادە، قونالغۇ مۇھىتىنىڭ پاكىز ھەم رەتلىك ئىكەنلىكىنى، پۇقراۋى قونالغۇ بىناسىنىڭ سىرتقى قىياپىتى شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ئاساستا يەنە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئامىللىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى، پۈتكۈل ھويلا چىم ۋە دىڭبۇ بىلەن ئىستىراھەت ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بوشلۇقىنى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆردى.

  بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى فېڭ مىڭچى قىز دوستى بىلەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە، بۇ يەرنىڭ يەرلىك ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتى ئۇلارنى جەلپ قىلدى. ئىلىغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەندە، ئۇلار دوۋيىن يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق فەنجىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىنى كۆرۈپ، بۇ توردا ئالقىشلانغان پۇقراۋى قونالغۇغا كۆچۈپ كىردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى، ئىلىنىڭ مەنزىرىسىنى ئىچكىرى رايونلاردا كۆرگىلى بولمايدۇ، كېيىن شىنجاڭغا يەنە ساياھەتكە كېلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى