تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسىدا يازلىق ساياھەت پەسلى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۈ يۇەنيۇەن خەۋىرى): بۇ قىسقا دەم ئېلىشتا، شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى خۇالىن باغچىسىنىڭ بۈك-باراقسان تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مول مەزمۇنلۇق ساياھەت تۈرى ساياھەتچىلەرنىڭ چوقۇم تاللاشقا تېگىشلىك جايىغا ئايلاندى، خۇالىن باغچىسى 2020-يىلىدىكى تۇنجى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتاي شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، خۇالىن باغچىسىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قارىتا، ھەممىسىگە ۋاقىتنى بۆلۈپ، ئالدىن كېلىشىشنى ئىجرا قىلدى ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەپ، راھەت، خاتىرجەم سەيلە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  خۇالىن باغچىسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى مۇھىم ئىسىم كارتىسى، شۇنداقلا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ مۇھىم بازىسى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە، خۇالىن باغچىسىدا تەتقىقات، ئۆگىنىش ساياھىتى لىنىيەسى ئېچىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، خۇالىن باغچىسىدىكى يېمەك-ئىچمەك، قورۇمىلارمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، خۇاشى ماروژنا كىشىلەرنىڭ قولىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى؛ ئەتىرگۈل، قارىغان، ياۋا شەنياۋدىن ياسالغان دورىلىق غىزا غىزالارنى يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە قىلدى ھەم كۆركەم قىلدى؛ 300 كۋادىرات مېتىرلىق چوڭ چايخانىدا، ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن تاغ، سۇ، يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

  «بۇ قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالتاي شەھىرىگە ساياھەتكە كەلدۇق، بىرىنچى بېكەتكە خۇالىن باغچىسىنى تاللىدۇق، بۇ يەردە كىچىك پويىز، كاۋاپ، قەھۋەخانا بار ئىكەن، ئاستا رىتىم ۋە ئەركىن ساياھەت خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن بولغان ھارغىنلىقىمىزنى پەسەيتتى. كېلەر قېتىمقى تەتىلدە، بىز بۇ يەرگە يەنە كېلىمىز.» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى چېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى