تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پىچاندىكى داتيەن تاۋۇزى بازارغا سېلىنىپ، نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جىڭ، ئابلەت ئابلىمىت، جۇ چاۋ خەۋىرى، فوتوسى): تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسىنىڭ داتيەن تاۋۇزى تۈركۈملەپ بازارغا سېلىندى. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى تۇيۇق يېزىسى پەنجەن كارىز كەنتىدىكى داتيەن تاۋۇزلىقىنىڭ يېنىدا توختىدى، ئون نەچچە دېھقان تاۋۇزلۇقتىكى تاۋۇزلارنى ئۈزۈپ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىغا توشۇدى، ئارقىدىن «كۈچ ئۇلاش» ئۇسۇلى ئارقىلىق تاۋۇزلارنى بىر-بىرلەپ ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى.

  تاۋۇز سودىگىرى ئابلەت ئۆمەر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇيۇق يېزىسىنىڭ تاۋۇزلىرىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، مەن ھەر يىلى بۇ يەردىن نەچچە يۈز توننا سېتىۋېلىپ سىرتقا ساتىمەن.» ئۇ خالىغان بىر تاۋۇزنى ئېلىپ، كۈچەپ بىرنى چىكىۋېدى تاۋۇز يېرىلدى، تاۋۇزنىڭ ئېتى قىپقىزىل ئىدى، ئارقىدىن ئۇ بىر چىشلەپ بېقىپ: «چۈرۈك، تاتلىقكەن، شىرنىسىمۇ كۆپكەن، نامى ھەقىقەتەنمۇ بىكارغا چىقمىغان-دە» دېدى.

  ھازىر، پىچان ناھىيەسىدىكى داتيەن تاۋۇزلىقىنىڭ كۆلىمى 15 مىڭ 315 موغا يېتىدۇ. يالقۇنتاغ باغرىغا جايلاشقان تۇيۇق يېزىسى پىچان ناھىيەسىنىڭ داتيەن تاۋۇزى چىقىدىغان ئاساسلىق جايى، تېرىلغۇ كۆلىمى 11 مىڭ 695 مو. تۇيۇق يېزىسىنىڭ تېمېپراتۇرىسى باشقا يېزا-بازارلارنىڭكىدىن يۇقىرى، شۇڭا تاۋۇزى ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ، «سەرەتان مەزگىلى» دىن كېيىن كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدۇ، بىر مو يەردىن تەخمىنەن ئۈچ توننا تاۋۇز چىقىدۇ، ئابلەت ھەر مو يەردىكى تاۋۇزنى 6000 يۈەندىن سېتىۋېلىپ، قەشقەرگە ئاپىرىپ ساتىدۇ.

  داتيەن تاۋۇزىنى ئادەم كۈچى بىلەن ئاپتوموبىلغا توشۇش كېرەك، يەرلىك ئەمگەك ۋاستىچىسى تەۋەلىكتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى داتيەنگە بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  تۇيۇق يېزىسى جەنتەن كارىز كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئەنۋەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ بىر كۈن تاۋۇز توشۇپ 400 ~ 300 يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن، تاۋۇز، قوغۇن بازارغا سېلىنسا، كىرىمى 5000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى