تارىم دەرياسى نېفىتلىك رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى: باش يازدا جىمى مەۋجۇداتلار گۈزەل ھالىتىنى نامايان قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت-خىمىيە شىركىتى غەربىي-شىمال نېفىتلىكى تارىم دەرياسى نېفىتلىك رايونىدىكى بايىز كۆلى، نېفىت قۇدۇقى مەيدانى پونكىتى، كەچكى شەپەق نۇرى، بېلىق تۇتۇۋاتقان بېلىقچىلار، خۇشال ئويناۋاتقان سۇ قۇشلىرى ۋە نېفىتلىك يوللىرى خۇددى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتتەك كۆرۈندى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى ۋە «پاكىز ئېنېرگىيەدە تۆھپە قوشۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» يېڭى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كادىرلار، خادىملارنى يېشىل كارخانا ھەرىكەت پىلانىنى ئاكتىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىدى، بۇنىڭلىق بىلەن نېفىتلىك رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۈنسايىن ياخشىلىنىپ، نېفىتلىك رايونىدىكى ھايۋانات تۈرلىرى ۋە سانى يىلمۇيىل ئېشىپ، «گۈزەل جۇڭگو» قۇرۇشقا كۈچ قوشتى.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جىپېي، تەن خۇي خەۋىرى، فوتوسى