لازا تەركىبىدە قانچىلىك ئوزۇقلۇق بولىدۇ
1. ۋىتامىن C
لازا تەركىبىدە مول ۋىتامىن C بولۇپ، كۆكتاتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھەر 100 گىرام كۆك لازىدا 62 مىللىگرام ۋىتامىن C بولىدۇ، كىچىك قىزىل لازىنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام قىزىل لازىدا 144 مىللىگرامدىن ئارتۇق ۋىتامىن C بولىدۇ، بۇ شوخلىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە، ئاپېلسىننىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ۋىتامىن Cنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش رولى بار.
2. كاروتىن
لازا تەركىبىدە كاروتىن ناھايىتى مول بولۇپ، كۆز ۋە تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق.
3. باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار
بۇنىڭدىن باشقا، كىچىككىنە لازىنىڭ تەركىبىدە يەنە B تۈردىكى ۋىتامىن، ۋىتامىن E ، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنك، سېلېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.
4. كاپزائىتسىن
لازىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە بىر خىل ئالاھىدە ئاكتىپ ماددا __ كاپزائىتسىن بار، بۇ دەل لازىنىڭ ئاچچىق تەركىبى ھېسابلىنىدۇ.
نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، كاپزائىتسىن كۆپ خىل فىزىئولوگىيەلىك رولغا ئىگە بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن؛ ئاشقازان شىللىلىق پەردىسىنى ئاسراپ، ئاشقازان يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ھەم داۋالايدىكەن؛ ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغنى ئېرىتىپ ئورۇقلىتىدىكەن؛ ئاغرىق پەسەيتىپ، ياللۇغ قايتۇرۇپ، قىچىشىشنى توختىتىدىكەن؛ ھۆللۈكنى ھەيدەپ، بوغۇم ساغلاملىقىنى قوغدايدىكەن؛ قان بېسىم ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى قوغدايدىكەن؛ راكقا قارشى تۇرىدىكەن.
كاپزائىتسىن فونكىسىيەسىنىڭ تەدرىجىي تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر لازىدىن ئايرىۋېلىنغان تەبىئىي كاپزائىتسىن ۋە سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن كاپزائىتسىن لازىنىڭ بىر خىل مۇھىم قوشۇمچە مەھسۇلاتى سۈپىتىدە يېمەكلىك سانائىتى ۋە داۋالاش ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلماقتا.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى