تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى يافېڭ خەۋىرى): بىنەم يەر نېنى، قارا بۇغداي ئۇنى، زاراڭزا يېغى، ئۆزگىچە پېچىنە- پىرەنىكلەر... شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدىكى تۈرى كۆپ، سۈپىتى ئەلا، باھاسى ئەرزان بولغان نامراتلارنى يۆلەش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زور تۈركۈمدىكى كۆرگەزمە كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەرنى بەس-بەستە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىستېمال تېرمىنالى سىجىل مۇقىم بولغان سېتىۋېلىش-سېتىش مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈردى، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەر نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ زەنجىرىگە قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  5- ئاينىڭ 22- كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەر كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ ناھىيەنىڭ جاغىستاي بازىرىدىكى تارانچى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 30 نەچچە خىل نامراتلارنى يۆلەش پىرەنىكى ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى جاڭ جېنخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ ماركىدىكى پىرەنىكلەرنىڭ يېيىشلىك ھەم باھاسىنىڭمۇ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، شۇڭا ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن كۆپرەك سېتىۋالدىم.»

  تارانچى يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى جاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: كارخانىدىكى 32 ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ 12سى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەردۇر،  بىز ئاساسلىقى پېچىنە-پىرەنىك ئىشلەپچىقىرىمىز.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى نامرات ئامما ئىشلەپچىقارغان مۇنەۋۋەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ سېتىش بازىرى ۋە تېخىمۇ قولايلىق سېتىش يولىغا ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى