تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىنىڭ «جەلپكارلىقى» ئاشۇرۇلماقتا

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋىرى): مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا ئورنىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ لىنىيە بويى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل كۇچا شەھىرى مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى (چورما-كۇچا بۆلىكى)دىكى مەنزىرە رايونى ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ كۇچا بۆلىكىدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن 10ى، ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن بەشى، تاماشا سۇپىسىدىن بىر قانچىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىگە تەمىنلەندى ھەمدە ئۈچ ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئەخلەتلەر توشۇلۇپ، ساياھەت مۇھىتى قوغدالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش