تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن شىن خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش-باشقۇرۇش ئىشلىرى مەركىزى كاككۇك دەرياسىنىڭ دەريا يولىدىكى لاي-لاتقىلارنى تازىلاش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، 50 مىڭ كۇب مېتىر لاي-لاتقىنى تازىلايدىكەن.
كاككۇك دەرياسىنىڭ دەريا يولىدىكى لاي-لاتقىلارنى تازىلاش قۇرۇلۇشى 5-ئاينىڭ 30–كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ بېشىدا دەرياغا سۇ قويۇپ بېرىلىدۇ. كورلا شەھەرلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش-باشقۇرۇش ئىشلىرى مەركىزى دەريا يولىدىكى لاي-لاتقىلارنى تازىلاش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرىگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە لاي-لاتقىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ.