تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

سەرەتان ئىسسىقتىكى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى ئويمانكۆل كەنتىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار كېۋەزلىكتە ئېتىز پەرۋىشى بىلەن ئالدىراش بولدى. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى سەرەتان ئىسسىق مەزگىلى بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا دېھقانچىلىق پەرۋىشى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن مەنزىرە شەكىللەندى. سەرەتان ئىسسىقنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، لوپنۇر ناھىيەسى چېگرىسى ئىچىدىكى تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرى، قۇملۇق، توغراقلىق، دېھقانچىلىق رايونىدا بىر جۇشقۇن، ھاياتى كۈچكە تولغان مەنزىرە پەيدا بولدى، سۇلۇق يەردىكى سۇ قۇشلىرى كۆپىيىش مەزگىلىگە كىردى، قۇملۇقتىكى توغراقلارنىڭ ياشىرىشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، دېھقانچىلىق رايونىدىكى يېشىللىققا تولغان ئېتىزلىق سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى