5-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاماشىبىن شاڭخەي مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، «مىڭ چاقىرىملىق باھار شامىلى ___ جياڭنەن مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىسى» شاڭخەي مۇزېيىدا باشلاندى. كۆرگەزمىدە جەمئىي 197 يۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، قاشتېشى بۇيۇملىرى، مىس بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار، ھۆسنخەت، رەسىم، قەدىمكى ئەسەرلەر، لاكلانغان بۇيۇملار، بامبۇك، ياغاچ بۇيۇملار قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە 5-ئاينىڭ 26-كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن ھەمدە 8-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
5-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاماشىبىن شاڭخەي مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
5-ئاينىڭ 25-كۈنى، تاماشىبىن شاڭخەي مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن لوڭ خەۋىرى، فوتوسى