تىيانشان تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شى 188-تۇەن خەيچۈەن خۇڭتەي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشچىلار قىزىل خىش يۆتكىمەكتە. ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، 188-تۇەن كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك بىناكارلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يېتەكلىدى. چېن ياڭ فوتوسى
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى