تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جىڭ ناھىيەسى: ھويلا-ئاراندا توشقان بېقىشنىڭ پايدىسى كۆپ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى مىڭشىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن شياۋلۇڭ خەۋىرى): «پەن شۇجى، بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈم توشقانلىرىم كاتەكتىن چىقتى!» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى بېسىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لو شۇن توشقان كاتىكى ئالدىدا بىر تەرەپتىن توشقانلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، جىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى پەن دۇڭشىن بىلەن قىزغىن سالاملاشتى.

لو شۇن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرى، خىزمەت ئەترىتى بىزگە 15 بۆجەن تارقىتىپ بەردى، يەنە توشقان كاتىكىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىپ، بىزنى توشقان بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ يىل، ئۆيۈمدىكى توشقان 60تىن ئاشتى، مەن بايىلا 20نى سېتىپ، 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.

بېسىن كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 46 ئائىلە 121 ئادەم بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر ئىدى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ كەنت نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى، لېكىن قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتىكى ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالدى. 2019-يىلى، خىزمەت ئەترىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 46 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلدى. خىزمەت ئەترىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پائال قانات يايدۇردى ھەمدە كەنت كادىرلىرىنى، نامرات ئاھالىلەرنى باشلاپ بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئۆگەندى. سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، بېسىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران كۆلىمى چوڭ بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھويلا-ئاراندا توشقان بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.

«كەنتىمىزدە كۆپ ساندىكى نامرات ئاھالىلەر كېسەل، مېيىپ بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر. باشقا چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشقا سېلىشتۇرغاندا، توشقان بېقىشنىڭ سېلىنمىسى ئاز، كۆپىيىش سۈرئىتى تېز، پايدىسى كۆپ، پەقەت تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپاغا چىدىغاندىلا، توشقان بېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغىلى بولىدۇ» دېدى پەن دۇڭشىن.

نامرات ئاھالىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھەممىدىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. خىزمەت ئەترىتى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش چارىسىنى قوللىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە لۇ چۈنخۇڭ ئائىلىسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنى كېڭەيتتى.

لۇ چۈنخۇڭ بۇ يىل 49 ياش. 2013-يىلى، ئېرى قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قالغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت تۆت مو يەرگە كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كۈنلىرىمۇ جاپالىق ئىدى. ئىچى كۈچلۈك لۇ چۈنخۇڭ كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئېرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، تۇرمۇشىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى. ئۇ كەنتنىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تۇنجى بولۇپ تىزىملاتتى.

خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ توپلاپ، لۇ چۈنخۇڭغا 20 نەچچە بۆجەن ئېلىپ بەردى، توشقان كاتىكى ياساپ بەردى، يەنە تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا قولمۇقول ئۆگەتتى، لۇ چۈنخۇڭ توشقان بېقىشنىڭ تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلىرىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىدى. ئۈچ ئاي سىناق قىلىش ئارقىلىق، قەپەستىن چىققان ھەر بىر گۆش توشقىنىنىڭ بازار باھاسى 100 يۈەنگە يەتتى، لۇ چۈنخۇڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گۆش توشقىنىدىن 1000 يۈەن كىرىم قىلدى.

«توشقاننىڭ كۆپىيىشى تېز، بىر يىلدا ئالتە قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە بۆجەنلەيدۇ، ئۈچ ئايدا كاتەكتىن چىقىدۇ، پايدىسى كۆرۈنەرلىك» دېدى لۇ چۈنخۇڭ.

لۇ چۈنخۇڭنىڭ توشقان باقمىچىلىقىنىڭ روناق تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن نامرات ئاھالىلەر ھويلا-ئاران توشقان باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، 13 نامرات ئاھالىگە بۆجەن ئېلىپ بەردى ھەمدە تېخنىك خادىملارنى كەنتكە كېلىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، كەنتتە گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى دولقۇنىنى قوزغىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت بويىچە 20 ئائىلىلىك دېھقان گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1500 دانىدىن ئارتۇق توشقان باقتى، نۇرغۇن سودىگەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سېتىۋالدى، زاكاز تالونلىرى ئۈزۈلمىدى.

«بىز بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۆش توشقىنى بېقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بېسىن كەنتىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ھاياتىي كۈچ قوشىمىز» دېدى پەن دۇڭشىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى