5- ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر، بىر چىشى ئۆردەك چۈجىلىرىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى 130-تۇەن 10-ليەنىدىكى بىر ئېرىقتا سۇ ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ۋە قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تۇەن-چاڭلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى، يېشىل، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى كۆپلىگەن ياۋا قۇشلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئېلىشقا ۋە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. ۋۇ شىنكۇي فوتوسى
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى