تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدۇ، قىلچە تەۋرەنمەيدۇ. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا بۇ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى. جەزمەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ، ئۈزلۈكسىز خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ ھەم بۇنى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە كەيپىيات قىزغىن، مۇزاكىرە جانلىق بولدى. فېي دۇڭبىن، خو جاۋلياڭ، شۆ جىگو، كۆكباتېر، مېي خۇا قاتارلىق بەش ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كۆچمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئارىلاپ - ئارىلاپ پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ «موڭغۇل ئېتى روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. ئېغىر، زور يۇقۇم ئالدىدا، بىز باشتىلا خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر دوختۇر، ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنە، ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بايلىقلارنى يۆتكەپ ۋە توپلاپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئاتلاندۇق، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىراجىتىنى پۈتۈنلەي دۆلەت ئۈستىگە ئالدى. خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تىزگىنلەپ، ئەڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. كەڭ خەلق ئاممىسى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشى چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاڭلىق ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئۇللۇق كۈچنى شەكىللەندۈردى. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيە. بىز خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دۆلىتىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان مىللىي ئاپتونوم رايون، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە، خەلققە چىڭ تايىنىش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خېلى زور زەربە بولدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە يېڭى پۇرسەتمۇ ھازىرلىدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ھەم يىراققا نەزەر سېلىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا قارىتا يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم، زور يىرىك پىلان، مۇھىم، زور ئىسلاھات، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا خىزمەت تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلققە بەخت يارىتىشنى جەزمەن ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىش كېرەك. بىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلاردىكى مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق بۇ يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، قولىدىكى ھوقۇقنى، تۇرۇۋاتقان ئىش ئورنىنى، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، پەقەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، شۆھرەتپەرەسلىك قىلماي، ساختا ئىش قىلماي، نام - ئاتاق قوغلاشماي، قەيەردە ئەمەل تۇتسا شۇ يەرگە بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىزنىڭ پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىمىز دەيدىكەن، جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ئالاقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئويلىغاننى ئويلىشى، بىللە ئىشلىشى، بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇشى، جاپا - مۇشەققەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىزنىڭ ئىزچىل پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى جازالاپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشىمىز كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئۈچۈندۇر. قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.