13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئائىت قارار لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى)

5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك ئىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا دۆلەت گېربى قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى. 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقانلار 2897 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 59 كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا، لى جەنشۇ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغان بىر قېتىملىق زور تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، نۇرغۇن ئاغرىق بەختكە قارشى قازا قىلدى. بىز قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.

ئارقىدىن، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق خادىملار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي سەككىز قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2019 - يىللىق ۋە بۇ يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، بۇ يىللىق ئاساسلىق تەرەققىيات نىشانى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى؛ ئۈچىنچى، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە كۈچەش؛ تۆتىنچى، ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش؛ بەشىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ تېز ئۆزگەرتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئالتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىش - دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ سەككىزىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغان ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەممە تەرەپنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مىسلىسىز تىرىشىشى، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە قۇربان بېرىشى ئارقىسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر، يۇقۇم ئەھۋالى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرى ئىنتايىن مۈشكۈل. يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇندىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ 2019 - يىللىق ۋە بۇ يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە رايونلارنىڭ جايلىشىشى داۋاملىق ياخشىلاندى؛ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم قەدەم تاشلاندى؛ ئۈچ چوڭ جەڭدە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى؛ خەلق تۇرمۇشى يەنىمۇ ياخشىلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ھەممىدىن مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش داۋامىدا، بىز ئىرادىنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، دەل جايىدا تەدبىر كۆرۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلىدۇق.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بىز چوقۇم تىرىشىپ خىزمەتلىرىمىزنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مىسلىسىز خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن بىز ئۆزگىچە سىياسىي ئەۋزەللىككە ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسقا، غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىگە، 100 مىليونلىغان خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە ئىگىمىز. خىرىسقا دادىل يۈزلىنىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىدىغانلا بولساق، نۆۋەتتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم بۆسۈپ ئۆتەلەيمىز، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر ئۈمىدكە تولىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ۋەزىيەت ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە تەھلىل يۈرگۈزۈپ ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم يۈزبېرىشتىن ئىلگىرى ئويلاشقان كۆزلىمە نىشاننى مۇۋاپىق تەڭشىدۇق، ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتى توغرىسىدا كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويمىدۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؛ شەھەر - بازارلاردا 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %6 ئەتراپىدا، شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەيمىز؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەجمىنى %3.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەيمىز؛ ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرىمىز؛ ئاھالە كىرىمىنى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرىمىز؛ ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلايمىز؛ زور پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلەيمىز؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ۋە ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىش مىقدارىنى داۋاملىق ئازايتىپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» بۇ يىللىق «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى. «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەندە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ. بۇ يىل ئاز كەم بەش ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، كېيىنكى باسقۇچتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي دائىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەردە سالماقنىمۇ ساقلاش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنىمۇ نەزەرگە ئېلىش لازىم، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بولىدۇ، بىز پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئىرادىسىگە ۋە ئىقتىدارىغا ئىگىمىز.

لى كېچياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھلىدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى، 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى دوكلاتى ھەم 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ تەكشۈرۈلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ چېن ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور تەدبىر، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ئىزاھاتتا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى تونۇشتۇرۇلدى. ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، 19 - قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالاقىدار روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە تۈزۈلگەن ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى، توختام قانۇنى، كېپىللىك قانۇنى، ئۆيلىنىش قانۇنى، بېقىۋېلىش قانۇنى، ۋارىسلىق قانۇنى، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى ۋە كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھوقۇقى تەرەپلەردىكى ھەق تەلەپ قانۇن - قائىدىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تۈزۈپ، تەھرىرلەپ، تۈزىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇكەممەل ھەق تەلەپ قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.

ئىزاھاتقا ئاساسلانغاندا، لايىھە جەمئىي يەتتە قىسىم، 1260 ماددا بولۇپ، ھەرقايسى قىسىملىرى تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي پىرىنسىپ، نەرسە ھوقۇقى، توختام، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھوقۇقى، ئۆيلىنىش - ئائىلە، ۋارىسلىق قىلىش، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى ھەمدە قوشۇمچە پىرىنسىپلارغا بۆلۈندى. ئىزاھاتتا يەنە لايىھەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ۋاڭ چېن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەققىدىكى قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئائىت قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، دۆلەت «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى شياڭگاڭدا مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى جەريانىدىمۇ بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگىمۇ يولۇقتى، يېڭى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھازىر، بىر گەۋدىلىك مەسىلە شۇكى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە، جەزمەن دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى ئۇزاق مۇددەت «مۇداپىئەلەنمەسلىك» ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى يولىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا بولغان ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەزمەن تۆۋەندىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش، ئىككىنچى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۈچىنچى، شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تۆتىنچى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، بەشىنچى، ھەقىقىي تۈردە شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىزاھاتتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: قارار لايىھەسى مۇقەددىمە ۋە تېكىستتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مۇقەددىمە قىسمىدا بۇ قارارنى چىقىرىشنىڭ سەۋەبى، مەقسىتى ۋە ئاساسى ئىخچام چۈشەندۈرۈلدى، قارار لايىھەسىنىڭ تېكىست قىسمى جەمئىي يەتتە ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئىزاھاتتا يەنە قارار لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلدى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.