تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى»نى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارا چاي كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاي جۇڭگودا بارلىققا كېلىپ، دۇنيادا كەڭ ئومۇملاشقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «خەلقئارا چاي كۈنى» تەسىس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاينىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، چاي كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، چاي مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا ناھايىتى ئەھمىيىتى بار. چاي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى چاي كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاي مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى چاينى بىلىدىغان، چاينى ياقتۇرىدىغان قىلىپ، چاينىڭ خۇش ھىدى، چاينىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.

چاي دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىچىملىكنىڭ بىرى، يەر شارىدىكى چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە رايون 60تىن ئاشىدۇ، چاي ئىچىدىغانلار 2 مىلياردتىن ئاشىدۇ. 2019 - يىلى 12 - ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنىنى «خەلقئارا چاي كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، چاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى مەدھىيەلەش ئارقىلىق، يەر شارى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل «خەلقئارا چاي كۈنى» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «چاي ۋە دۇنيا    ئورتاق ھۇزۇرلىنىش ئورتاق بەھرىلىنىش»نى باش تېما قىلىپ، توردا يۈرۈشلۈك تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.