تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا ئېچىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا خەلق سارىيىدا ئېچىلىپ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ 2019 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ. چۈشتىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ. چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىنى نەق مەيداندا بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، شىنخۇا تورى ئېچىلىش يىغىنىنى نەق مەيداندا سۈرەت ۋە يېزىق شەكلىدە بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش