مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى    جاڭ چىڭلى رىياسەتچىلىك قىلدى    جېڭ جيەنباڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پائال تولۇق ئادا قىلىشقا تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدىكى چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىن بەلگىسى جۇلالىنىپ تۇراتتى، ئون قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە قاتار قويۇلغانىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2151، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2057 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق خادىملار بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى، تۈپ تەلىپى، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. يېقىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى قاتناشقان ئورۇنلار ۋە كەڭ ئەزالارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»دە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش، ئۇلنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېڭ جيەنباڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار 2 - يىغىنغا 5488 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 4089 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 175 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلۇپ، ھەممىسى ۋاقتىدا بېجىرىلدى. دائىمىي كومىتېت تەكلىپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەكلىپ خىزمىتىنىڭ چىڭ تۇرۇش داۋامىدا راۋاجلىنىشىغا، مۇستەھكەملەش داۋامىدا مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.