تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۈجمە دەرىخى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى «ئەڭگۈشتەر»گە ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر ئابلىمىتجان ئابدۇللا): 5-ئايدىن بۇيان، «شىنجاڭدىكى ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان مېۋە» دەپ نام ئالغان ئۈجمە كەينى-كەينىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى ئويمان ياڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى بۇخەدىچە روزىمەمەت شاخلارغا چۈشۈپ كەتكەن سۆسۈن رەڭلىك ئۈجمىلەرنى كۆرۈپ، كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچى تولغان ھالدا:«بۇ يىل ئۈجمە، ئۈجمە يوپۇرمىقىنى ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى.

  2018-يىلىدىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، 8400 مو يەرگە مېۋىلىك ئۈجمە تىكىش ئارقىلىق، ئۈجمىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ياساپ، ئورمانلىقتىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ، سەۋزە، باش پىياز قاتارلىق كۆكتاتلارنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، يېزىدىكى ئادەتتىكى ئۈجمە دەرىخىنى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى «ئەڭگۈشتەر»گە ئايلاندۇردى.

  بۇخەدىچە تۆت مو يەرگە قارا مەرۋايىت ئۈجمە تىككەنىدى، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بۇ يېڭى «ئەڭگۈشتەر»گە نىسبەتەن، ئۇ قىلچە بىخەستەلىك قىلمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈجمە كۆچىتى ۋە ئوغۇت ھەممىسىنى ھۆكۈمەت تەمىنلىدى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، ئوغۇتلاش قاتارلىقلارغا يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ تېخنىكلىرى يېتەكچىلىك قىلدى، دەرەخ تۈۋىگە سەۋزە، باش پىياز تېرىدىم، ھەر مو يەردىن جەمئىي 3000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەنە مەخسۇس كارخانىلار ئۈجمە ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقى سېتىۋالىدۇ، شۇڭا سېتىش يولىدىن غەم قىلمىساممۇ بولىدۇ.

  بۇخەدىچە تىلغا ئالغان كارخانا شىنجاڭ سوڭگۇجىجىن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بولۇپ، ئۇ لوپ ناھىيەسى كىرگۈزگەن ئۈجمە ھارىقى، ئۈجمە شەربىتى، قۇرۇق مېۋە ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا. 2019-يىلى، بۇ شىركەت ھەر توننىسىنى 2500 يۈەنلىك باھا بىلەن 180 توننىدىن ئارتۇق ئۈجمە يوپۇرمىقى سېتىۋېلىپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا 450 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ بەردى.

  ھازىر ئۈجمە پىشىدىغان مەزگىل، بۇ شىركەت ھەرقايسى يېزا-بازارلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، دېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، توختام تۈزۈپ، دېھقانلارنى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. «2017-يىلىدىن باشلاپ، لوپ ناھىيەسى كەڭ كۆلەمدە ئۈجمە كۆچىتى تىكتى، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، سورتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، مېۋىسى ئۈجمە شەربىتى قىلىش ئۆلچىمىگە يەتتى.» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى لىن شۆجۈ.

  كېيىنكى قەدەمدە، لوپ ناھىيەسى «كارخانا+دېھقان+ساياھەتچى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۈجمە دەرىخى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى