تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ كېرىيە: غاز كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا كۈچ قوشتى

  شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بوستان سۇلۇق يېرىدە سۈرەتكە تارتىلغان كېرىيە شاللىق غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سورتلۇق غاز مەيدانى (5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى بوستان سۇلۇق يېرى يېشىللىق بىلەن قاپلىنىپ، قومۇشلار شامالدا يېنىك يەلپۈنۈپ، ئاق غازلار سۇ ئويناپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى. بۇ يەرنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا قوشنا كېلىدىغانلىقى، دائىم قۇم-بوراننىڭ ئاۋارە قىلىدىغانلىقىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. كېرىيە ناھىيەسى شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلەش ئۈچۈن، 2019-يىلى شۇ جايلىق ھۆكۈمەت باشلامچى كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپېراتىپى + نامرات ئائىلە + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىقتىن تەرەققىي قىلىپ گۆش يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، غاز كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بوستان سۇلۇق يېرىدىكى چوڭ سۇ يۈزىدىن پايدىلىنىپ، نەچچە تۈمەن سورتلۇق غازنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇردى. ئەسلىدە شال تېرىلىدىغان سۇ رايونى ئېكولوگىيە باقمىچىلىقىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇنغا ئايلاندى. بۇلا ئەمەس، يەرلىك ھۆكۈمەت يەنە يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەنزىرە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، «قۇملۇقتىكى يېشىل سۇ، ئاق غاز» مەنزىرىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، باقمىچىلار كېرىيە شاللىق غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئىشلىمەكتە.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، كېرىيە شاللىق غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى خادىملار غاز چۈجىلىرىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

شىنجاڭ كېرىيە شاللىق غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا بېقىلغان غازلار (5-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە شاللىق غاز باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىم غازلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات خەۋىرى، فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى