تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

2019-يىلى مەملىكەت بويىچە 106 مىليونچە ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇ خاۋ) مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى، مەملىكەت بويىچە يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (بالىلار)بولۇپ جەمئىي 105 مىليون 907 مىڭ 900 ئادەم قېتىم (مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ھەقسىز دەرسلىك، ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ياردەم بېرىلىپ، ئېشىش كۆلىمى %8.05 بولغان؛ ياردەم سوممىسى جەمئىي 212 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش كۆلىمى %4.07 بولغان. ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئۇدا 13 يىل تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، يەسلى مائارىپى بويىچە  9 مىليون 144 مىڭ 100 ئادەم قېتىم ياردەم بېرىلىپ، ياردەم سوممىسى 11 مىليارد 626 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردىن 20 مىليون 257 مىڭ ئادەمگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىپ، ياردەم سوممىسى 20 مىليارد 284 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 15 مىليون 928 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا ياردەم بېرىلىپ، ياردەم سوممىسى 30 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 12 مىليون 402 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا ياردەم بېرىلىپ، ياردەم سوممىسى 18 مىليارد 501 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 48 مىليون 175 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا ياردەم بېرىلىپ، ياردەم سوممىسى 131 مىليارد 689 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، 2019-يىلى ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن 40 مىليون 608 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلىنىپ، 29 مىليارد 28 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى