تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە تۇز مىقدارىنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك

ئاش تۇزى (NaCl) كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ.

«ساغلام جۇڭگو ھەرىكەت پىلانى (2019-2030)»دا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۈندىلىك ئاش تۇزى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى 5 گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك تەشەببۇس قىلىندى، ھالبۇكى، دۆلىتىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۈنىگە 10.5 گىرامغا يېتىدۇ.

ئۇنداقتا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك؟

1. كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇز ئىستېمال قىلىش مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. ئۆيدە غىزالانغاندا، تۇزسىز تاماق ئېتىش بىلىمى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئائىلە بويىچە مايسىز، تۇزسىز غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

3. تۇز سالىدىغان قوشۇقنىڭ كىچىكىنى ئىشلىتىش، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تۇز مىقدارىنى تىزگىنلەش كېرەك.

4. ھەرخىل تېتىتقۇ، تۇزلانغان سەي، چىلىغان سەينىڭ يوشۇرۇن خەتىرىگە بوش قارىماسلىق كېرەك.

5. سەرخىل تاماق پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئەسلى تەمدە ھورداپ پىشۇرۇش، قاينىتىپ پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئالدىن تاللاش كېرەك، ھەرخىل تەم تەڭشىگۈچلەرنى تۇزنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش، تاماق پىشىپ قازاندىن ئېلىش ئالدىدا تۇز سېلىش كېرەك.

6. بالىلارغا كىچىكىدىن تۇزسىز غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تۇزلۇق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېگۈزۈش كېرەك.

7. ئۆيىدە ياشانغانلار، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ھەمدە بۆرەك كېسىلى بار ئاغرىقلار تېخىمۇ تۇزسىز غىزالىنىش كېرەك.

8. سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ياكى تاماق بۇيرۇتۇپ يېگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇزسىز قورۇمىلارنى ئالدىن تاللاپ يېيىش، گۆشلۈك، گۆشسىز تاماقلارنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

9. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇق جەدۋىلىنى تەكشۈرۈش، ناترىي تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش، مايلىق، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز سېتىۋېلىش كېرەك.

ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش قان بېسىمى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ مۇۋاپىق غىزالىنىشى، تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاپتورى:

ليۇ ياڭ، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى

گاۋ چاۋ، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ دوكتورى، كاندىدات تەتقىقاتچىسى 

تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى