تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پاتىمە خەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يامغۇر ياغدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، يامغۇرلۇق كۈنلەر ئاخىرلىشىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئازراق شامال چىقىدۇ.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى غۇلجا، قورغاس ناھىيەسى، توققۇز تارا ناھىيەسىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. باشقا جايلاردىمۇ كۆپىنچە بۇلۇتلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئازراق شامال چىقىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىلى دەريا ۋادىسىدا ھاۋا ئوچۇق، تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولىدۇ.
كونكرېت ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃11تىن ℃26قىچە، شەرقىدىكى رايونلاردا ℃8تىن ℃25قىچە بولىدۇ، جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ℃6تىن ℃23قىچە بولىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃12تىن ℃27قىچە، شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردا ℃9تىن ℃27قىچە بولىدۇ. جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ℃8تىن ℃25قىچە بولىدۇ.
ھەپتە ئاخىرى ھاۋا ئوچۇق، تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولۇپ، دالىدا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋە ساياھەتكە چىقىشقا ماس كېلىدۇ، لېكىن كېچىدە تېمپېراتۇرا نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، كىشىلەر كىيىمىنىڭ نېپىز-قېلىنلىقىغا دىققەت قىلىشى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى، زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.