تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىلقا ناھىيەسى: جار توغان كەنتى «تەدرىجىي ئۆزگىرىپ» گۈزەللەشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋېيمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ماخابۇل خەۋىرى): بۇلتۇردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.

  5- ئاينىڭ 19- كۈنى، قارا سۇ يېزىسىنىڭ جار توغان كەنتىدە، پاكىز، رەتلىك ئاسفالت يوللار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، يېڭىدىن بېزەلگەن كۆكەرتىش مۇداپىئە رېشاتكىسى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك قويۇلغان بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈل ـ گىياھلار خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىسى گۇلمەن بېكداۋلېت مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا كەنتىمىزدە ئۆزگىرىش زور بولدى، ھەر كۈنى شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىپ، مەيدانغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرىمىز، ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمىز.»

  تاشيولنىڭ راۋانلىقى سەپەرگە چىقىشقا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، شۇ جايدىكى كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. كەنت ئاھالىسى غەيرەت بولقانبېك ئۆيىنىڭ ئالدىدا دۇكان ۋە ئاشخانا ئاچتى، خوتۇنى يەنە ھويلىغا كۆكتات تېرىدى، ھويلىسىمۇ رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى، ھازىر ئۇلار دۇكان ۋە ئاشخانىسىدىنلا يىلدا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.

  ئىلى ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ قارا سۇ يېزىسى جارتوغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى گو زىجىن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كەنت گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، تۈرلەرنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ غەملەپ، سۇچىلىق، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلىدى، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق بازىسى، مەدەنىيەت مەيدانى، كەسىپ سۇپىسى قاتارلىق تۈرلەرنى قۇردى، ھەمدە 355 ئائىلىگە ئېكولوگىيەلىك ھاجەتخانا ئورنىتىپ بەردى. ھازىرقى جار توغان كەنتىدە يول راۋانلاشتى، يول چىراغلىرى يورىتىلدى، يېزا ـ كەنتلەر گۈزەللەشتى، ئەلرايى مۇجەسسەملەندى، كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بەخت سەھىپىسىنى تۈزدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش