تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

يامغۇردا كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى

يامغۇر ياغقاندا قۇملۇقتىكى دالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالامسىز؟

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىنىڭ قۇم دېڭىزى زۇمرەت كۆل قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇسابىقە نەق مەيدانىدا تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتتى.

يامغۇر سۈيى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ دېرىزە ئەينىكىگە ئۇرۇلۇپ، قۇملۇق ئىنتايىن غۇۋا كۆرۈندى.

      مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىرنىڭ ئېيتىشىچە، يامغۇر ياغقاندا قۇملۇقتا دالا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۇلارغا نىسبەتەن بىر غەلىتە ئىش ھېسابلىنىدىكەن.

يامغۇر سۈيى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا ئۇرۇلماقتا.
      نۇرغۇن دالا مۇسابىقىسى تاماشىبىنلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىش ئالدىدا ئاپتاپ ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ چىققان ئىدى، ئەمما قۇملۇقتا بۇنداق يامغۇرغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. قۇملۇقتا ئۇشتۇمتۇت يامغۇردا سوغۇق ھاۋادىن دالدىلىنىشقا ئۈلگۈرمىگەنلەر بىر نەچچە قۇر كىيىمنى ئارتۇق ئېلىۋالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى.

قۇملۇقتا ھاۋانىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز سوۋۇپ كېتىشىنى ئويلىمىغان نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر پەقەت ئاپتوموبىللىرىدىكى يېپىنغىدەك رەختلەرنى تېپىپ ئىسسىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ چيەن فوتوسى

بىر دادا يامغۇردا بالىسىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تولۇق قوراللىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇسابىقە نەق مەيدانىدىن ئېسىل خەۋەرلەرنى بەردى.

رېپىرلار يامغۇردا مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنى يولغا چىقىشقا تەشكىللىدى.

  مۇسابىقىنىڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، يامغۇرمۇ شىددەت بىلەن يېغىپ، نەق مەيداندا مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خىرىس تېخىمۇ ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماھىرلارغا تېخىمۇ كۆپ تەشۋىش ئېلىپ كەلدى.

موتوسىكلىت گۇرۇپپىسدىكى ماھىرلار مۇسابىقىدە.

يەككە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىدىكى ماھىرلار مۇسابىقىدە.

      بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان بىردىنبىر ئايال ماھىر جاڭ لىخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، يامغۇر يېغىش سەۋەبلىك مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشقان.

  يامغۇر ياغقاندا قۇم بىر خىل قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ. قۇملۇق يۈزىدىكى لەيلىمە قۇمنى باسقاندا ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى تېيىلىپ كەتكەن، ئادەتتىكى نورمال ھاۋا رايىغا سېلىشتۇرغاندا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ئىنتايىن تەس بولغان.

جاڭ لىخۇڭ مۇسابىقىدە.

  گەرچە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن بىر خىل غىدىقلاش تۇيغۇسى ماھىرلارنى باشقىچە بىر تۈردىكى دالا مۇسابىقىسىنى ھېس قىلىش پۈرسىتىگە ئىگە قىلدى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىلغا چاپلىشىپ قالغان لاي قۇملار.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار موتوسىكلىتلارنى ئىتتىرىپ تەستە ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىللار يامغۇردا ئۆزگىچە بىر خىل ھېسسىياتتا بولدى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىللار يامغۇردا ئۆزگىچە بىر خىل ھېسسىياتتا بولدى.

  قۇملۇق تولىڭ ساياھەت تەشۋىقاتى مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 24 كىلومېتىر بولۇپ، ھاۋا رايى سەۋەبلىك مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشقان، نۇرغۇن ماھىر ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇسابىقىنى تاماملىغان. ئەمما 1-لىككە ئېرىشكەن ماھىر 28 مىنۇتتا پۈتۈن مۇسابىقىنى تاماملاپ قالتىس نەتىجە ياراتقان.

  شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، قۇملۇقتىكى يامغۇر «ئۇچقاندەك كىشىلىك ھايات»نى يەنە بىر خىل شەكىلىدە سىزگە ھېس قىلدۇرىدۇ.

  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. (لى مېڭتىڭ، جوۋ چيەن، رۇستەم خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش