تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): يېڭىدىن ساياھەتچىلەر مەركىزى، ئويۇن قويۇش مەركىزى قۇرۇلۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ... نۆۋەتتە، بۇ يىل قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولغان ئاراتۈرۈك توغراقلىق ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بۇ مەملىكەت بويىچە A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، جەلپكارلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
ئىلگىرى ئاراتۈرۈك توغراقلىق ئېكولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىلىك ساياھەتچى زېڭ جۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە تۈرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەنزىرە رايونى يەنىمۇ مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، مەن چوقۇم يەنە بىر قېتىم بارىمەن.»