تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ : «ساياھەت+نامراتلارنى يۆلەش» كۆپ خىل كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى بۇ يىل «ساياھەت+نامراتلارنى يۆلەش»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. يېزا ساياھەت بايلىقىنى قېزىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بۇ يىلقى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» نىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېزەك ئاپتوموبىل بىلەن سەيلە قىلىش، ئىپارخان باغچىسىنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بۇ يىللىق شىنجاڭ يازلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يەنە دۆلەت 4A دەرىجىلىك 13 مەنزىرە رايونى ۋە 70 «يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت»كە ۋىۋىسكا ئاستى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى شىنجاڭدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىشا بازىرى شامالباغ كەنتى تۇنجى تۈركۈمدە ۋىۋىسكا ئېسىلغان يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ بىرى ئىكەن، ھازىر شۇ جايدىكى گىلاسلار پىشىپ، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن، ئۈزۈش ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ئاساس قىلىنغان يېزا ساياھىتى كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالغان.

  بۇ ئىككى يىلدا، شۇ جاي خاس تېرىقچىلىق بىلەن يېزا ساياھەتچىلىكىنى بىرلەشتۈردى، گىلاسزارلىق كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، شۇ جايدىكى 200 نامرات ئائىلىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم يول بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى