تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل مەمەت خەۋىرى): «ھازىر ئۆيىمىزنى ئۈچ رايونغا ئايرىدۇق، ئۆي كەڭرى، پاكىزە، ھويلىغا يەنە ھەرخىل گۈللەرنى تېرىدۇق» دېدى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاچاتاغ يېزىسى توقسۇن تېتىر كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن مامۇت مۇخبىرغا.

      پاكىز ھەم تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، ئازادە، يورۇق ئۆيلەر، بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر، سۈپسۈزۈك سۇ... بۇ، مۇخبىرلار توقسۇن تېتىر كەنتىدە كۆرگەن مەنزىرە.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، توقسۇن تېتىر كەنتى يەنىلا ئەخلەتنى خالىغانچە تۆكىدىغان، توخۇ، ئۆردەك ھەممە يەردە يۈرىدىغان «مەينەت كەنت» ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدا، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەن شياۋجۈن بۇلارنى كۆرۈپ، ناھايىتى تىت-تىت بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «يۇرت-ماكاننى تازىلاش ھەرىكىتى» ۋە «تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش»نى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى مەيدان جەڭ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەپ، يېزا مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  ئەن شياۋجۈن دائىم كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا «گۈزەل ھويلا-ئاران» قۇرۇلۇشى ۋە «تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش»نىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە «تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ نەپكە ئېرىشكۈچى ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلدۇردى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى بىلەن، 3-ئايدىن بۇيان ئەن شياۋجۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى باشلاپ، قوللىرىغا گۈرجەك، سۈپۈرگە ئېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان كونا ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، بۇلۇڭ-پۇچقاق، كەنت يوللىرىنى تازىلاشقا باشلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزا-بازارلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، «گۈزەل يېزا-كەنت» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. بۇ تۈرنىڭ لايىھەسى ۋە يانداش مۇلازىمەتلەر ئىمكانقەدەر كەنتنىڭ ئەسلىدىكى ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى، ئاددىي ئۇسلۇبقا بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكى، يېزا-كەنت خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى