تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئالىي مائارىپ ئۆگىنىش ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىليوندىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى:مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئالىي مائارىپنىڭ ئۆگىنىش ئومۇمىي كۆلىمى 40 مىليون 20 مىڭغا يەتكەن، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %51.6كە يەتكەن.

  ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپتىن 530 مىڭ 100ى بار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11 مىڭ 300ى كۆپەيگەن؛ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئوقۇش تارىخى مائارىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 282 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 6 مىليون 606 مىڭ 200ى كۆپەيگەن؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 17 مىليون 320 مىڭ 300گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 591 مىڭ 800ى كۆپەيگەن.

  يەسلى مائارىپى باسقۇچىدا، مەملىكەت بويىچە يەسلىلەر 281 مىڭ 200 گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 14 مىڭ 500ى كۆپەيگەن. يەسلى مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %83.4كە يەتكەن. مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ 212 مىڭ 600گە يېتىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 154 مىليونغا، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 10 مىليون 16 مىڭ 500گە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %94.8كە يەتكەن.

  مەملىكەت بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا جەمئىي 24 مىڭ 400 مەكتەپ بار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 55ى كۆپەيگەن؛ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 39 مىليون 949 مىڭ 900گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 602 مىڭ 300ى كۆپەيگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %89.5كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى