بۇ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىنىڭ پارنىكىدىكى LED سۈنئىي نۇردا ئۆستۈرۈلگەن يۇمغاقسۈت مايسىسى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىدا، خىزمەتچىلەر تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، LED سۈنئىي نۇردا ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، خاڭگا، شوخلا، شېڭسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنى داۋاملىق تەمىنلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى رېن چاۋ فوتوسى
بۇ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش پارنىكىنىڭ مەنزىرىسى.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى پارنىكىدا، خىزمەتچىلەر LED سۈنئىي نۇردا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىنىڭ تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، خىزمەتچىلەر شوخلا ئۈزمەكتە.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىدا، خىزمەتچىلەر ئۈزۈۋېلىنغان خاڭگالارنى قاچىلىماقتا.