تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت - ماتېرىيال نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 2019 - يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۈچەيدى، يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشتى، ئېسىل ئىستىل بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش تېخىمۇ زۆرۈر بولماقتا. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەكىتلىدى. بۇ «بايانلاردىن تاللانما»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ كىتابتا شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان سۆزى مۇقەددىمە قىلىنغان، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، ئالاقىدار مۇھىم بايانلاردىن 182 بۆلەك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، دوكلاتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 70 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەت - ماتېرىيالدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن مۇھىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.