تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك

شى جىنپىڭ ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجە. يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كەلدى، قانچە ھالقىلىق پەيتكە كەلگەنسېرى شۇنچە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ماۋنەن مىللىتى دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى بىرقەدەر ئاز 28 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خۇەنجياڭ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىردىنبىر ماۋنەن مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسى، پۈتۈن ناھىيەدە ماۋنەن مىللىتىدىن 64 مىڭ 500 كىشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماۋنەن مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلەيدۇ. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خۇەنجياڭ ناھىيەسىدە نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %1.48كە تۆۋەنلىدى. 2020 - يىلى 5 - ئايدا، خۇەنجياڭ ناھىيەسى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماۋنەن مىللىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ماۋنەن مىللىتى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېقىندا، خۇەنجياڭ ناھىيەسىدىكى ماۋنەن مىللىتى ئاممىسىنىڭ ۋەكىلى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۇ جايدىكى ماۋنەن مىللىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق خۇشاللىق ھېسسىياتىنى دوكلات قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ يۇرتىنى ياخشى قۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.