تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرما زۇڭتۇڭى، باڭلادىش زۇڭلىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە بىرما زۇڭتۇڭى ۋېن مىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگودا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرما ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر جۇڭگو تەرەپكە ياردەم قولىنى سۇندى. بىرمىدىكى يۇقۇم كۆڭلىمىزنى ئەندىشىگە سالدى. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپكە كۆپ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى ھەم ئىككى تۈركۈم داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى بىرمىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ ۋە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. بىرما خەلقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ بىرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ بۇ مەيدان يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ يىل 1 - ئايدا، مەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلىتىڭلاردا زىيارەتتە بولدۇم، بىز جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - بىرما مۇناسىۋىتىدە يېڭى دەۋر ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ زىچ ماسلىشىپ، زىيارەت نەتىجىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد كارىدورى تۈرىدە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك.

ۋېن مىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تىزگىنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بىرما تەرەپ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال. جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە بىرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقۇم ئالدىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ھەققانىيلىقنى قوغدىشى، ھەربىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. بىرما - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ياخشى ھەمكارلىق دەل ئىككى تەرەپنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ كارتىنىسى. بىرما تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا بىرمىنى زىيارەت قىلغاندىكى نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېرىنداشلارچە دوستلۇق ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرما - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە باڭلادىش زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باڭلادىش جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنى قوللاپ، باڭلادىش خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى. ھازىر، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا يۇقۇم ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. جۇڭگو تەرەپ باڭلادىش تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق تۈردە باڭلادىش تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە باڭلادىش تەرەپكە بىر داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، باڭلادىش خەلقى چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلالايدۇ. باڭلادىش ھۆكۈمىتىنىڭ باڭلادىشتىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپمۇ جۇڭگودىكى باڭلادىش پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا كاشىلا قىلىدىغان، پۈتۈن يەر شارى، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق باڭلادىش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ۋە باڭلادىش ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنىلار، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇھىم تەرەققىيات ھەمراھى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - باڭلادىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باڭلادىش تەرەپ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تەدرىجىي ھالدا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە ياخشى ئاساس سېلىشنى خالايدۇ.

خاسىنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باڭلادىش - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، چوڭقۇر، رەئىس شى جىنپىڭ 2016 - يىلى باڭلادىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. باڭلادىش تەرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم باڭلادىش تەرەپنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باڭلادىش تەرەپنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى، باڭلادىش تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىۋى خىرىس، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگودىكى باڭلادىش پۇقرالىرى، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى باڭلادىش ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، باڭلادىش تەرەپ باڭلادىشتىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. باڭلادىش تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، باڭلادىش - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.