تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

باش يازدا بارلىق مەۋجۇداتلار ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۈگۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، 34 ساھەدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر بەلگىلەيدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى زور ئىش. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم پەيتتە، ئىككى يىغىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېچىلدى، يىغىن بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتەك مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلىتىمىز ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى تەشكىللەپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى؛ كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، تېببىي دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مەھەللىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ، تۆھپە قوشۇپ، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەن تەلەپنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

«پەقەت جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە، قەيسەرلىك ئاندىن تېخىمۇ نامايان بولىدۇ؛ پەقەت چىن نىيەت بىلەن قىلىنغان ئىش ئاندىن تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.» 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىزنىڭ بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس مەسلىھەتلىشىش ئاپپاراتى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي ئوق قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

كېڭىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگىلى، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ، جەزمەن قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقنى تولۇق مۆلچەرلەپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇشتەك ئۈنۈم ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل - زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپا، ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يول، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

«كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.» «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي گىرەلىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى