تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى −

كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چەكسىز ئىلھاملاندۇردى، تېخىمۇ روھلاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرىمىز.

«بىرمۇ مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ھەم رىغبەتلەندۈرگەنلىك ھەم ھەيدەكچىلىك قىلغانلىق.» 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يېزا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان شايار ناھىيەسى قايلور بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئەكبەر ئىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز. باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەزىپىلەرنى قولدا تۇتۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ناھىيە بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تېزلىتىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتىنى ياخشى قىلىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كەلدى، قانچە ھالقىلىق پەيتكە كەلگەنسېرى شۇنچە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. خوتەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى ياپچانلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى ئايگۈزەل مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: «نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياپچانلىق كەنتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات يولىنى توغرا تاللاپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى <كەشتە تىكىش ماھارىتى>نى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملايمەن».

«ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئالىدىغان كۈچەش باسقۇچىغا كەلدى. بىز ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئاساسىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەنتىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ تاپىدىغان پۇلى بولۇش، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى جىمىسار ناھىيەلىك يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى باخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ يىڭ.

«يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشتىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ئۈمىدى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باركۆل بازىرىدىكى ئېرسان قايسانى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئېرسان مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يىللاردا، مەن قازاق ئەنئەنىۋى پېچىنە - پىرەنىكلىرىنى پىشۇرۇش ۋە سېتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، ھەربىر قەدەم ئالدىغا ماڭغىنىمدا بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە، قوللىشىغا ئېرىشتىم. بۈگۈنكى كۈندە، مەن بىر پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئون نەچچە ئاچا - سىڭىلنى بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا يېتەكلەۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ دېفېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى