تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

راھىلەم مۇستەقىل ئايالغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى شىڭ، سۈي يۈنيەن

4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مۇخبىرلار راھىلەم مەمەت ئىشلەيدىغان دورىخانىغا كىرىپ، راھىلەمنىڭ ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىپ، سۇس گىرىم قىلىپ، يەنە بىر دۇكان خىزمەتچىسى بىلەن جازىدىكى دورىلارنى رەتلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«بەزى دورىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى، دەرھال يىغىشتۇرۇپ رەتلەپ چىقىش كېرەك، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى سېتىپ چىقىرىۋەتسەك، دورىخانىنىڭ ئىناۋىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىدارلارغا مەسئۇل بولمىغانلىق بولىدۇ.» راھىلەمنىڭ پۇتۇڭخۇاسى ناھايىتى راۋان بولۇپ، سالماق، سىلىق - سىپايە سۆزلەيتتى.

ھازىرقى خىزمىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەش

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى، راھىلەم ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا بىر مەزگىل ئىشلىدى. زاۋۇت ئۆيدىن بەك يىراق، بېرىپ - كېلىش قولايسىز بولغاچقا، ئۇ ئىستېپا بەردى.

يېڭى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن، راھىلەم ئاقسۇ شەھىرىنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىنى ئارىلاپ، كوچىغا يېقىن بىر دورىخانىنىڭ ئالدىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ دورىخانىغا كىردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يېڭى خىزمىتىنى باشلىدى.

ھەر كۈنى، راھىلەم بىرىنچى بولۇپ دورىخانىغا كېلىپ، دورىخانىنىڭ ئىچى - تېشىنى پاك - پاكىز تازىلايتتى. خېرىدارلار يوق چاغلاردا، ئۇ دورىلارنى ئېدىتلاپ يۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا دورىلارنىڭ تۈرىنى ئېنىق بىلىۋالدى.

«دورىلارنىڭ تۈرىنى ئالاھىدە پىششىق بىلىش كېرەك، شۇندىلا خېرىدارلار ئېھتىياجلىق بولغاندا تېز تاپقىلى بولىدۇ» دېدى راھىلەم.

دورا دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خېجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «دورىخانىدا ئىشلىگەندە چوقۇم ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولۇش كېرەك، راھىلەم ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باقمىدى».

دورىخانا ئۆيگە يېقىن بولغاچقا، راھىلەمنىڭ ئىشقا بېرىپ - كېلىشى بىرقەدەر قولايلىق ئىدى. دورىخانىدا ئىشلىگەن ۋاقتى بىر ئايغا توشقاندا، ئۇ 3000 يۈەن مائاش ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىرىمىدىن ناھايىتى رازى بولدى، بۇ پۇل بولغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئۇ، بۇ خىزمىتىنى ئىنتايىن قەدىرلىدى.

ئىلگىرىكى تۇرمۇشى بىر قاباھەتلىك چۈش ئىدى

راھىلەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خىزمەت تاپماي، تېزلا ياتلىق بولغان ئىكەن. شۇ چاغدا قانۇن ئېڭى سۇس، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۇ توي قىلغاندا توي خېتى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىغان، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ نەسىھەتىمۇ ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىغان.

راھىلەم يەنە جاھىللىق بىلەن، نىقابلىق كىيىم كىيىپ ئاندىن سىرتقا چىقىش كېرەك، دەپ قارىغان. لېكىن «توي قىلغان»دىن كېيىن، راھىلەم بەختلىك بولالمىغان، قارشى تەرەپ ئازراقلا ئاچچىقى كېلىپ قالسا، ئۇنى خالىغانچە ئۇرۇپ تىللايتتى. قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان بۇنداق تۇرمۇش راھىلەمنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوققا چىقىرىۋەتكەن.

راھىلەمنىڭ ئانىسى ئىنتايىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ئېيتىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىغان. خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، راھىلەم ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ئۆگىنىشكە تىزىملاتقان.

دەسلەپتە، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى بەختسىزلىك سەۋەبىدىن، راھىلەمنىڭ كەيپىياتى ئىزچىل چۈشكۈن بولغان. تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دائىم ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ تۇرغان، ئۇ ئاستا - ئاستا ئوقۇتقۇچىسىغا ئائىلە تۇرمۇشىدىكى بەختسىزلىكلەرنى سۆزلەپ بەرگەن. ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا ئاتالمىش «توي قىلىش»نىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. راھىلەم چۈشتىن ئەمدىلا ئويغانغاندەك بولغان، ئۆزىنىڭ نادانلىقىدىن ئۆكۈنگەن ۋە ئازابلانغان.

ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياردىمىدە، راھىلەم ئاستا - ئاستا تۇرمۇشىدىكى كۆلەڭگىدىن قۇتۇلۇپ، بارا - بارا ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتكەن. ئۇ تەربىيەلەش مەركىزى ئاچقان ھۆسن تۈزەش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سىنىپىغا قاتناشقان، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىگە چىرايلىق گىرىم قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئەينەكتىكى چىرايلىق، ئوچۇق - يورۇق ئۆزىگە قاراپ، راھىلەم كۆڭلىدە: مەن ئىلگىرىكى ئۆزۈم بىلەن خوشلىشىپ، يېپيېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن، دەپ ئويلىغان.

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش

تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئۆگىنىش راھىلەمنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ئۆتمۈش بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلىشىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، راھىلەم ئانىسى، سىڭلىسى ۋە قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. سىڭلىسى تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، ئۇ ئائىلىسىنىڭ «تۈۋرۈكى»گە ئايلاندى.

«ئىلگىرى كىرىمىم يوق ئىدى، ھەمىشە باشقىلارغا قولۇمنى سوزۇپ ئالاتتىم، قەدىر - قىممىتىم يوق ئىدى. ھازىر ئۆزۈم پۇل تېپىپ ئۆزۈم خەجلەيمەن، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئىگە بولالايدىغان ئايال بولسا ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن تىرىشىپ ياخشى خەۋەر ئالىمەن.» راھىلەمنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى تولۇپ تاشتى، «مېنىڭ قىزىم بەك ئوماق، بۇ يىل 9 - ئايدا يەسلىگە كىرىدۇ. ئانامنىڭ سالامەتلىكى يامان ئەمەس، سىڭلىم پات ئارىدا ئوقۇش پۈتكۈزسىلا خىزمەت قىلالايدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ».

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا راھىلەم دۇكان باشلىقى بولۇپ، ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئانىسى ئۈچۈن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلدى. «كىرىمىم گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىقىمىغا يېتىدۇ، ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك» دېدى راھىلەم.

تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئۆگىنىش مەزگىلىدە، راھىلەم يەنە نۇرغۇن قانۇن كىتابلىرىنى پىششىق ئوقۇپ، «قانۇن دارىنى»غا ئايلاندى. ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا مەھەللە پىدائىيلار پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، تەربىيەلەش مەركىزىدە يېتىلدۈرگەن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. «كۆپ كىتاب كۆرۈش قەلبىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇش نىشانىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ».

ئىشلىگەن ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۇ جاڭ خېجۈن بىلەن دوست بولۇپ قالدى. «ئىلگىرى باشقا مىللەتتىن دوستۇم يوق ئىدى، ھازىر جاڭ خېجۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى، ئۇلار خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ».

جاڭ خېجۈن ئۇنىڭغا لايىق تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ئىلگىرى ئۆزۈمنى قانداق قوغداشنى بىلمەيتتىم، لايىق ئىزدىگەندە گاڭگىراپ قالغانىدىم. ھازىر قانداق ئادەمنى تېپىشنى، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىمەن» دېدى راھىلەم كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى