تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فۇكاڭ شەھىرىدە يېزا بەخت ھويلىسىدىن يەنە ئۈچى قۇرۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ما يىجيا، گوۋ چياۋلى خەۋىرى): يېقىندا، فۇكاڭ شەھىرىدىكى ئۈچ يېزا بەخت ھويلىسى تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى. بۇ تۈر پۈتۈن شەھەرنىڭ 100دىن ئارتۇق يېزىسىدىكى ياشانغانلارنى ئەمىن تاپقۇزۇش، كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزىلاردىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ياشانغانلارنى «ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  فۇكاڭ شەھىرى زىنىچۈەنزى بازىرىنىڭ يېزا بەخت ھويلىسى تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، 60 نەچچە ئىشچى سېمۇنت ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلەرنى تۈزلەۋاتاتتى.

  فۇكاڭ شەھىرى زىنىچۈەنزى بازىرى يېزا بەخت ھويلىسى تۈرىنىڭ دىرېكتورى جاڭ گۇەنجۈن مۇنداق دېدى: «زىنىچۈەنزى بازىرىنىڭ بەخت ھويلىسى قۇرۇلۇشى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلاندى، بىز قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، سان-سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۆز قەرەلىدە تاماملايمىز.»

  شىنجاڭ يۇقىرى، يېڭى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ نازارەتچىسى فۇ خەيجۈن مۇنداق دېدى: «بىز نازارەت قىلغۇچى تەرەپ پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇندىن 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى قەرەلىدە تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۈەن بازىرى، زىنىچۈەنزى بازىرى، جيۇيۈنجيې بازىرىدا يېزا بەخت ھويلىسىدىن يەنە ئۈچنى قۇرۇش پىلانلانغان، قۇرۇلۇش 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى باشلانغان بولۇپ، 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

  فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: «فۇكاڭ شەھىرى بۇ يىل يېڭىدىن ئۈچ بەخت ھويلىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇ ئالتە يېزا ئىگىلىك يېزا ـ بازىرىنى قاپلايدۇ، ئۇنىڭغا جەمئىي 34 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 300 كارىۋات سەپلىنىدۇ. يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارلىق ئاجىز ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن تولۇق خەۋەر ئېلىنىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى