تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە 100 مىڭدەك پاقلان ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر مىلىك خەۋىرى، فوتوسى): بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە 100 مىڭغا يېقىن پاقلان ئارقا-ئارقىدىن قوتاندىن چىقىرىلىپ، بازارغا سېلىندى. پاقلانلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىمۇ ماس ھالدا ئاشۇردى.

  ئالغابېك ئايىنبىيا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى كۆك يورغا كەنتىدىكى چارۋىچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىلقى پاقلانلىرى 100 نەچچىگە يەتكەن، بۇ قېتىم ئۇ 70 نەچچە پاقلاننى بىراقلا ساتقان، نۆۋەتتىكى بازار باھاسى بويىچە، ھەربىر پاقلاننىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان. پاقلانلارنى سېتىپ پۇل تاپقان ئالغابېك ئايىنبىيا چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئەۋزەل تەبىئىي يايلاق ۋە ئەلا سورتلۇق كالا، قويلار بولغاچقا، ھەر يىلى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن چارۋا سودىگەرلىرى مال-چارۋىلارنى ماشىنىغا لىق بېسىپ قايتىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكئاغاش يېزىسى ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، يايلاقنىڭ يۈكىنى ئازايتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، چارۋىچىلارنىڭ پاقلان باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەن ھەم پاقلانلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باقمىچى ئائىلىلىرىگە تايىنىپ، پاقلان ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش