تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۆگە بېقىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا مېڭىش

ئابدۇراخمان ھەبىبۇل ئائىلىسى باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
تۆگە باققۇچى مەمەت ئەخمەت تۆگىلەرگە ئوت-چۆپ بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جىڭ، ۋاڭ چيەنچيەن خەۋىرى، فوتوسى): ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، تۇرمۇشى غورىگۈل ئىدى، ھازىر يېڭى ئۆيى، ئاپتوموبىلى بار بولدى، تۇرمۇشى باياشات، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى بازار كەنتىدىكى ئابدۇراخمان ھەبىبۇلنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى نېمە ئۆزگەرتتى؟ بەختنىڭ باشلىنىشىنى يەنىلا «قۇملۇق كېمىسى» تۆگە بېقىشتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئابدۇراخمان ئىلگىرى سېپى ئۆزىدىن دېھقان ئىدى، ئۈچ مو ئۈزۈمزارلىقى ۋە بىر نەچچە تۆگىسى بىلەن بىر ئائىلىدىكى بەش جاننىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كۈنلىرى باياشات ئەمەس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىچان ناھىيەسىدە قۇمتاغ قۇملۇقى يادرو قىلىنغان ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى ئامانلىق ساقلىغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئۆزىگە يېڭى خىزمەت تاپتى. 2015-يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئۇ تاسادىپىي ھالدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا بىر قۇملۇق مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر تۆگە مىنىپ كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان ئابدۇراخمان كۆڭلىدە: «مېنىڭ ئۆيۈمدىمۇ تۆگە بار، نېمىشقا مەنزىرە رايونىنى بۇ خىل مۇلازىمەت تۈرى بىلەن تەمىنلىمەيمىز؟» دەپ ئويلىدى.

  قۇمتاغ مەنزىرە رايونىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئابدۇراخمان ئۆيىدىكى تۆت تۆگىسىنى مەنزىرە رايونىنىڭ قۇم جىلغىسىغا ئېلىپ كېلىپ، ساياھەتچىلەرنى مىنىش ۋە سۈرەتكە تارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى جانلاندى. «لېكىن يەنە يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى، تۆگىلىرىمنىڭ سانى چەكلىك، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، ساياھەت جانلانغان مەزگىلدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى پەقەتلا قاندۇرالماي قالدى.» ئابدۇراخمان ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتكۈسى، تۆگە ئەترىتىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگۈسى بار بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ چەكلىك بولغاچقا، ئىزچىل ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

  2018-يىلىنىڭ بېشىدا، پىچان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بازار كەنتىگە كەلدى، 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئادىل ئۇرايىم مۇنداق دېدى: «ئابدۇراخماننىڭ تۆگە بېقىش كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما مەبلەغ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە كېرەكلىك مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق، مەنزىرە رايونى تەشۋىق ئېلىپ بېرىپ كېڭەيتىش قىلغاندا، مەنزىرە رايونى تۆگە ئەترىتىنى مۇھىم كۆڭۈل ئېچىش تۈرى سۈپىتىدە ماس قەدەمدە كېڭەيتتى.»

  مەبلەغ يېتەرلىك بولغاچقا، ئابدۇراخماننىڭ باقمىچىلىق كۆلىمى ناھايىتى تېزلا كېڭىيىپ، تۆگىسى 50دىن ئاشتى. تۆگە ئەترىتى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى قۇملۇق جىلغىسىدا مۇقىم مۇلازىمەت ئېلىپ باردى، ساياھەت جانلانغان مەزگىللەردە، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  ئابدۇراخمان ھەبىبۇلنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇرېھىم ھەبىبۇلمۇ تۆگە باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، 10 تۆگە باقتى. ھازىر، ئابدۇراخمان تۆگە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ خاس باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا پۇختا قەدەم قويماقچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى