تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مو يەردىكى شال مايسا كۆچۈرۈش مەزگىلىگە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 100 مىڭ مو يەردىكى شال مايسىسى كۆچۈرۈش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى شالچى دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق پەيتتىن پايدىلىنىپ، شال مايسىسى تىكىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

  يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدە دېھقانلار شال كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. دېھقان ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بىللە 20 مو يەردىكى شال ئېتىزىدا ئالدىراش ئەمگەك قىلدى، يەنە بىر تەرەپتە مايسا تىكىش ماشىنىسى شال ئېتىزىدا مەشغۇلات لىنىيەسى بويىچە شال مايسىسى تىكتى.

  ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «20 مو يېرىم بار، بۇلتۇر پارقىراق شال (ئالىي سورتلۇق شال) تېرىپ 50 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم، بۇ يىلمۇ پارقىراق شال تېرىدىم، بۈگۈن شال مايسىلىرىنى تىكىپ بولدۇم.»

  ئون نەچچە يىللىق شال تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە تاڭ خۇڭ تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى شال تېرىغۇچى، شۇنداقلا كەنتنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۇنىڭ 137 مو شال ئېتىزىغا ماشىنا ئارقىلىق مايسا كۆچۈرۈلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەلا سۈپەتلىك شال باشقۇرۇش تېخنىكىسىغا زامانىۋى ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئەۋزەللىكىنى قوشۇش ئارقىلىق، ھازىر دېھقانلار ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىلاشقان مايسا تىكىش شال تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ بىردىبىر تاللىشى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ساياھەت كۈنى: شىنجاڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىي ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى
  • موڭغۇلكۈرەنىڭ مەنزىرە رايون ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇشتىكى يېڭى ئەندىزىسى ئالقىشلاندى
  • باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش