تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خېبېي شىڭتەي: شەھەر سەيلە باغچىسى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ئاساسىي رەڭگىنى سىزىپ چىقىش

 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى چياۋشى رايونىدىكى چاپېڭگۇ باغچىسىدا، شىجۈ تىياتىرى ھەۋەسكارلىرى تىياتىر مەشىق قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى سەيلە باغچىسى قۇرۇلۇشىنى شەھەر يېشىللىقى ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، شەھەر يېشىللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا قىلدى. 2017-يىلىدىن بۇيان، شىڭتەي شەھىرى چېقىش-كۆچۈرۈش، بوش يەرلەرنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر رايونىدىكى كوچا دوقمۇشى، دەريا قىرغىقى، ئولتۇراق رايونى ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا ئاساسەن 68 سەيلە باغچىسى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شەھەر رايونىدىكى باغچا، سەيلە باغچىسى سانى 142گە يېتىپ، باغچىلار ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا سېلىندى، شەھەر ئاھالىلىرى «ئىشىكتىن چىقىسىلا سەيلە باغچىسى بولۇش، سەيلە قىلسىلا گۈل ھىدىدىن ھوزۇرلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى موۋ يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى